سەل ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلار سانى 64 كە يەتتى
قارا دېڭىز رايونىدىكى سۇ ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلار سانى 64 كە يەتتى.
1691584
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسى — ئافاد بايانات ئېلان قىلىپ، سەل ئاپەتلىرىدە كاستامونۇدا 54، سىنوپتا توققۇز، بارتىندا بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، يارىلانغان سەككىز كىشىنىڭ دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى، ئۈچ ۋىلايەتتىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.