جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاپەت رايونىدا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 11 – ئاۋغۇست كۈنى غەربىي قارادېڭىز رايونىغا ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن سۇ ئاپىتى مەيدانغا كەلگەن كاستامونۇ ۋىلايىتىنىڭ بوزقۇرت ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

1690723
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاپەت رايونىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رايوندا سۇ ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا قىلغان خىتابىدا، زىياننىڭ ئورنىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تولدۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بۇ ئاپەتلەر ئۆتكىلىدىنمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتىمىز، قانداق قىلىشقا تېگىشلىك بولسا، دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قولىمىزدىن كىلىشىچە تېزلىك بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،  خۇدايىم بۇيرىسا، قايتىدىن قەد كۆتۈرىمىز، بۇ دۆلەت يىمىرىلگىنى يوق، بىزمۇ ۋەيران بولغىنىمىز يوق ھەم ۋەيران بولمايمىز، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خىزمەت ئىشلەپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر