تۈركىيە سېنېگالغا 12 توننا داۋالاش بۇيۇملىرى ياردەم قىلىدىغان بولدى

سېنېگال پىرېزىدېنتى ماكى سال تۈنۈگۈن كەچتە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىگە ئالاقىدار تىۋىتتېر ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

1689075
تۈركىيە سېنېگالغا 12 توننا داۋالاش بۇيۇملىرى ياردەم قىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ماكى سال ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، تۈركىيەدىكى ئوت ئاپىتى مەسىلىسىدە تۈركىيە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى ئەردوغانغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

سېنېگال پىرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ ئۇچرىشىشتا سېنېگالغا كوۋىد-19 غا قارشى كۈرەشلىرىنى قوللاش ئۈچۈن 12 توننا داۋالاش بۇيۇملىرى يوللايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر