ئەردوغان: 214 ئوت ئاپىتىنىڭ 202 ى تىزگىنلەندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 46 ۋىلايەتتە مەيدانغا كەلگەن 214 ئوت ئاپىتىنىڭ 202 سىنىڭ تىزگىنلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

1687054
ئەردوغان: 214 ئوت ئاپىتىنىڭ 202 ى تىزگىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەيدانغا كەلگەن دالا ئوت ئاپەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «دالا ئوت ئاپەتلىرىنى ئۆچۈرۈش پائالىيەتلىرىمىزنى، قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋادىن مۇداخىلە قىلىش ۋاسىتىلىرىمىزنىڭ سانىنى ئىزچىل تۈردە كۆپەيتىش ئارقىلىق قويۇق بىر شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز، دۆلىتىمىزنى ھەرگىز چۆلگە تاپشۇرمايمىز، قۇرغاق ھالەتتە تاشلاپ قويمايمىز.»

دالا ئوت ئاپەتلىرىنى ئۆچۈش پائالىيەتلىرىگە 18 ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى، 850 سۇ باكى ۋە سۇ تانكېرى، 57 تىك ئۇچار، 150 قۇرۇلۇش ماشىنىسى، 9 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە 5 مىڭ 250 خادىمنىڭ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، خۇسۇسىي ساھەلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە چەت ئەلدىن كەلتۈرۈلگەن 4 ئايروپىلان بىلەن بىر تىك ئۇچارنىڭمۇ دالا ئوت ئاپەتلىرىنى ئۆچۈرۈش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر