ئىراقنىڭ شىمالىدا ۋە سۈرىيەدە تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا 2، سۈرىيەدە « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1686844
ئىراقنىڭ شىمالىدا ۋە سۈرىيەدە تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئۈزلۈكسىز ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ دائىرىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچى، ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، سۈرىيەدە «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى بىر تېررورچى، ئالاھىدە ئەترەتلەر تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان بىر تېررورچى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، چېگرا لىنىيەسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان، ئاندىن ئۇ سوراققا تارتىلغاندىن كېيىن، ئائىلىسى بىلەن بىر يەرگە جەم قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر