چاۋۇشئوغلۇ ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفونلاشتى.

1686138
چاۋۇشئوغلۇ ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، يېنس ستولتېنبېرگنىڭ مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون قىلىپ، تۈركىيەدە داۋاملىشىۋاتقان دالا ئوت ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى ۋە ھال سورىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگنىڭ ناتونىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ئافغانىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر