چاۋۇشئوغلۇ ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ھەمكارلىق مىنىستىرى جوسې مانۇئېل ئالۋېرىز بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1684009
چاۋۇشئوغلۇ ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ھەمكارلىق مىنىستىرى جوسې مانۇئېل ئالۋېرىز بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ كۆرۈشۈشتە، ئىسپانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالارنى قوغداش مېخانىزمى دائىرىسىدە تۈركىيەگە قىلغان ياردىمى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

ئىسپانىيە ئوت ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئىككى ئايروپىلان ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر