فىرات قالقىنى رايونىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1683234
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «فىرات قالقىنى رايونىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى ھەرىكەتلىرىمىز داۋاملاشماقتا. پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ رايونغا قىلغان ھۇجۇمىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرغان قەھرىمان كوماندىرلىرىمىز، ھۇجۇم سادىر قىلغان ئۈچ تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.