قىزىك رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېرروىست قولغا چۈشتى
قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، ياۋروپاغا قېچىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ك ج ك ئەزاسى «پىرو كاركەر» كودلۇق جىمشىت دەمىر قولغا چۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، ياۋروپاغا قېچىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ك ج ك ئەزاسى «پىرو كاركەر» كودلۇق جىمشىت دەمىر، تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى-مىت (MİT) نىڭ ھەرىكىتىدە، شىمالىي ئىراقتا تۇتۇلۇپ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.
خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپول تەرىپىدىن قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەدە ئىزدىلىۋاتقان تېررورىست جىمشىت دەمىرنىڭ 2009-يىلى ئاغرىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقى، تەندۈرەك تېغى ئەتراپىدىن ئىراقنىڭ شىمالىغا ئۆتكەنلىكى ئېنىقلانغان.
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاكۇرك، گارا ۋە قاندىلدە تېررورلۇق تەشكىلاتى نامىدا ھەرىكەت قىلغان مەزكۇرتېررورىستنىڭ، 2014-يىلى سۈرىيەگە بېرىپ پ ي د|ي پ گ دە بىر يىل تۇرغانلىقى، ئاخىرىدا قاندىلدا پ ك ك|ك ج ك ئىچىدىن ئورۇن ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىراقتىن ياۋروپاغا بارىدىغانلىقى ئېنىقلانغان جىمشىت دەمىر، مىتنىڭ ھەرىكىتىدە تۇتۇلۇپ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.