فاتىھ دۆنمەز مېكسىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز مېكسىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرى نورما روكىيو ناخلە گارسىيا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى.

1680779
فاتىھ دۆنمەز مېكسىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدىكى باياناتىدا، ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ۋە ئېنېرگىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك كەلگۈسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مېكسىكا مىنىستىرى ناخلە گارسىيامۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن باياناتىدا، تۈرك مەنسەپدېشىغا رەھمەت ئېيتىپ: «ئېنېرگىيە ساھەسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردۇق، دۆلەتلىرىمىز دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئەنئەنىسىگە ئىگىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر