تۈركىيە تۇنىستىكى ھەرىكەتلەرنى ئەيىبلىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن تۇنىستا دېموكراتىك مۇساپىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئاساسىي قانۇن ئىگە قىلغان قانۇنىيلىق ۋە خەلقنىڭ قوللىشى بولمىغان ھەرىكەتلەرنى ئەيىبلەيمىز» دېدى.

1680213
تۈركىيە تۇنىستىكى ھەرىكەتلەرنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن تۋىتتېردا، تۇنىس پىرېزىدېنتى قايىس سەئىدنىڭ پارلامېنتنىڭ ھوقۇقىنى توڭلىتىپ، باش مىنىستىرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ: «دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت تۇنىستا دېموكراتىك مۇساپىنىڭ توختىتىپ قويۇلۇشىنى ۋە خەلقنىڭ دېموكراتىك ئىرادىسىنى يوق ھېسابلاشنى رەت قىلىمىز. ئاساسىي قانۇن ئىگە قىلغان قانۇنىيلىق ۋە خەلقنىڭ قوللىشى بولمىغان ھەرىكەتلەرنى ئەيىبلەيمىز. تۇنىس دېموكراتىيەسىنىڭ بۇ مەزگىلدىن تېخىمۇ كۈچلەنگەن ھالدا چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.

تۈنۈگۈن (2021-يىلى 25-ئىيۇل) تۇنىس پىرېزىدېنتى قايىس سەئىد پارلامېنتنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى «30 كۈن» توڭلاتقانلىقىنى، پارلامنېت ئەزالىرىنىڭمۇ ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىنى توڭلاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

تۇنىس پىرېزىدېنتى قايىس سەئىد باش مىنىستىر ھىشام ئەلمېشىشىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى ۋە ئۆزى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىغان باش مىنىستىر بىلەن ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى، چىرىكلىك دېلولىرىنى پاش قىلىش مەقسىتىدە باش تەپتىشلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر