تۈركىيە F-16 لىرى پولشادا ۋەزىپە ئىجرا قىلدى
تۈركىيەنىڭ F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تۇرۇۋاتقان پولشادا تۇنجى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى.
1678306
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو ئىلغارلاشتۇرۇلغان ھاۋا ساقچىلىرى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش مەقسىتىدە پولشادا تۇرۇتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى دانە F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ بالتىق دېڭىزى رايونىدا تۇنجى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «ناتونىڭ ئىلغارلاشتۇرۇلغان ساقچى تەشكىلاتى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن پولشانىڭ مالبورك ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانىمىز بالتىق دېڭىزى رايونىدا تۇنجى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى بىخەتەر ئورۇندىدى. ئايروپىلانلىرىمىز تاپشۇرۇلىدىغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ھەمىشە تەيياردۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.