مۇغلادا ئونلارچە قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشۈرۈلدى

مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە 63 قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشۈرۈلدى.

1676736
مۇغلادا ئونلارچە قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى، بودرۇم دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىلگىرىلەۋاتقان بىر يەلكەنلىك كېمىنى تەكشۈرۈپ، 63 نەپەر چەت ئەللىك قانۇنسىز كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى.

مەزكۇر كىشىلەر تېگىشىلىك رەسمىيەتلەر بىجىرىلگەندىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر