تۈركىيە كېنىيەدە يېتىم بالىلارغا كىيىم-كېچەك ئىئانە قىلدى
تۈركىيە 15-ئىيۇل شەھىدلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كېنىيەدە ياشايدىغان 251 يېتىم بالىغا كىيىم-كېچەك ئىئانە قىلدى.
1675024
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيىم-كېچەك ياردىمى تۈركىيەنىڭ نايروبىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن يەتكۈزۈلدى.
تۈركىيەنىڭ نايروبىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەھمەت جەمىل مىرئوغلۇ پايتەخت نايروبىدىكى يېتىم-يېسىرلارنى زىيارەت قىلىپ، بالىلارغا كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغ تارقىتىپ بەردى.
باش ئەلچى مىرئوغلۇ ئىككى يېتىم بالىلار باغچىسىدا جەمئىي 251 بالىغا كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغ تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيەدىكى ئاممىۋىي ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان يېتىم بالىلارغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان باش ئەلچى مىرئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ چارىسىز ئىنسانلارغا ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.