چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەنىڭ گالاتاساراي كوماندىسىغا قىلغان ھۆرمەتسىزلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ، گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىياس بىلەن تېلېفونلىشىپ، گىرېتسىيەنىڭ گالاتاساراي كوماندىسىغا قىلغان ناچار مۇئامىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1674446
چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەنىڭ گالاتاساراي كوماندىسىغا قىلغان ھۆرمەتسىزلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گالاتاساراي پۇتبول كوماندىسى، دوستلۇق مۇسابىقىسى ئويناش ئۈچۈن بارغان گىرېتسىيەدە PCR تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تۈركىيە قايتىپ كەلگەنىدى. چاۋۇشوغلۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، گىرېتسىيەلىك كەسىپدىشى دېندىياس بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئەنقەرەنىڭ گالاتاساراي كوماندىسىغا قىلىنغان ناچار مۇئامىلىدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مىنىستىر چاۋۇشوغلۇ يەنە ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، گالاتاساراي كوماندىسىغا قىلىنغان ناتوغرا پوزىتسىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بۈگۈن (تۈنۈگۈن) گالاتاساراي كوماندىمىز گىرېتسىيەدە دۇچ كەلگەن ياخشى نىيەت ۋە ئالىيجانابلىقتىن يىراق مۇئامىلىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، بىز ھەمىشە بارلىق كوماندىلىرىمىزنى قوللايمىز!» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «بىز گىرېتسىيەنىڭ گالاتاساراي تەنتەربىيە كۇلۇبىغا قىلغان ناچار مۇئامىلىسىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. يامان نىيەت ۋە قوپاللىقنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدە ئورنى يوق. گالاتاساراي دۇنياۋى ئورۇنغا ئىگە چوڭ كوماندا. گىرېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ گالاتاساراي كوماندىسىغا قىلغان ھۆرمەتسىزلىكىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. گىرېتسىيە دائىرىلرىىنىڭ گالاتاساراي كوماندىسىغا قىلغان ھۆرمەتسىزلىكى پەقەت ئۇلارغىلا يارىشىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ دوستلۇق ۋە تەنتەربىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان، ھەر جەھەتتىن نامۇاۋاپىق بۇ خىل ھەرىكەتلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر