ئەمىنە ئەردوغان زەيتىنبۇرنۇدىكى دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىنى زىيارەت قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايالى ئەمىنە ئەردوغان ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدا قۇرۇلغان تۈركىيەنىڭ تۇنجى دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىنى زىيارەت قىلدى.

1673430
ئەمىنە ئەردوغان زەيتىنبۇرنۇدىكى دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ تۇنجى دورىلىق ئۆسۈملۈك باغچىسى سۈپىتىدە 2005-يىلى 14 گېكتارلىق رايونغا تەسىس قىلىنغان ۋە ئىچىدە 700 دىن ئارتۇق دورىلىق ئۆسۈملۈك يېتىشتۇرىلىۋاتقان باغچا زىيارىتى جەريانىدا، ئەمىنە ئەردوغانغا  ئۆسۈملۈكلەر تۇنۇشتۇرۇلدى.

دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىنىڭ باشلىقى مەرۋە تىنمازباغچىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش ساھەلىرى ھەققىدە ئەمىنە ئەردوغانغا مەلۇمات بەردى.

ئەمىنە ئەردوغان 52 ھەپتىلىك تەبىئەت كالېندارى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى قۇياش سائىتى بولغان ئەسلى بىنا قۇرۇلمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرى باغچىسى مەسلىھەتچىسى مۇرات چەكىندىن بىنانىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىدى.

ئاندىن ئەمىنە ئەردوغان مۆتىدىل ۋە ئىللىق كىلىمات ئۆسۈملۈكلىرى يېتىشتۈرۈلگەن پارنىكنى زىيارەت قىلىپ، باغچىنىڭ دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن مەھسۇلات ئېلىنغاندىن كېيىن، پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان تەجرىبىخانا، ئۇرۇق ئامبىرى ۋە قۇرۇتۇش ئۆيلىرى بولغان  قىسىمنىمۇ زىيارەت قىلدى.  

ئەمىنە ئەردوغان ئاخىرىدا شەھەردە ياشايدىغان بالىلارنىڭ ھايۋاناتلار بىلەن بىرگە ۋاقىت ئۆتكۈزەلىشى ئۈچۈن باغچا ئىچىدە تەسىس قىلىنغان كىچىك ھايۋاناتلار باغچىسىنىمۇ زىيارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر