تۈركىيە – ئەزەربەيجان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجاندىكى «مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك 2021» ناملىق  بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى داۋاملاشماقتا.

1668754
تۈركىيە – ئەزەربەيجان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاساسلىق نىشانى، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ جەڭ مەزگىللىرىدە ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، قوماندانلارنىڭ قارار چىقىرىش ۋە ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش تالانتلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش بولغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىردا، تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئورۇنلانماقتا ئىكەن.

«مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك 2021» نامى بېرىلگەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىردىن، 600 ئەسكەر، تەخمىنەن 40 تانكا ۋە بىرونېۋىك، 20 گە يېقىن توپ، 7 ئۇرۇش ۋە ھەربىي خادىم تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە 50 ئاپتوموبىل ئورۇن ئالماقتا ئىكەن.

ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمۇ ئىشلىتىلگەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر، بۈگۈن ئاخىرلىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر