گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى تۇتۇلدى
قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچى تۇتۇلدى.
1668011
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئەدىرنەنىڭ ئىپسالا ۋە مەرىچ ناھىيەلىرىدە ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىمىز، دۆلىتىمىزدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان 2 كىشىنى قولغا چۈشۈردى. تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، تۇتۇلغان شەخسلەرنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى.»