مۇستاپا شەنتوپ جىبۇتى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى)  باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ جىبۇتى دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن جىبۇتى پارلامېنتى باشلىقى مۇھەممەد ئەلى ھۇمېدنى تەبرىكلىدى.

1665480
مۇستاپا شەنتوپ جىبۇتى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا شەنتوپنىڭ مۇھەممەد ئەلى ھومېدقا يوللىغان تەبرىكنامىىسدا، جىبۇتىنىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە خەلقى ۋە ئۆز نامىدىن دوست ۋە قېرىنداش جىبۇتى خەلقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۇستاپا شەنتوپ تۈركىيەنىڭ جىبۇتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر ساھەدە تەرەققىي قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئورتاق تىرىشچانلىقىمىز بىلەن كۈچەيتەلەيدىغان پارلامېنتلار ئارا زىيارەت ۋە ئالاقىلەر شۈبھىسىزكى، مۇناسىۋەتلىرىمىزگە ئىجابىي تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. دۆلەت بايرىمىڭلارنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، سىزگە ۋە سىز ئارقىلىق جىبۇتى پارلامېنتىنىڭ ھۆرمەتلىك ئەزالىرىغا سالامەتلىك ۋە ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر