تۈركىيە ھوندۇراسنىڭ قۇددۇس قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ھوندۇراسنىڭ تېل ئاۋىۋ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشىنىڭ خەلقئارا قانۇننىڭ دەپسەندە قىلىنىشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1664420
تۈركىيە ھوندۇراسنىڭ قۇددۇس قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ھوندۇراس بۇ قەدىمى ئارقىلىق قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتى مەسىلىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلدى، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىشى چارىسى تېپىش ئىستىراتېگىيەسى ۋە رايوندىكى تىنچلىق ئۈمىدلىرىگە زىيان يەتكۈزدى. ھوندۇراسنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشى ۋە ئەلچىخانىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈشى مەنىسىز ئىش بولۇپ، بۇ قارارنى ئەيىبلەيمىز.»

لاتىن ئامېرىكا دۆلىتى ھوندۇراس، تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىگەن، ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئېچىلىشىنى تۈنۈگۈن ھوندۇراس پىرېزىدېنتى گۈئەن ئورلاندو ھېرناندېز ئىشقا ئاشۇرغانىدى.

بۇ ئارقىلىق ھوندۇراس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گۋاتېمالا ۋە كوسوۋودىن  كېيىن ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىگەن 4 – دۆلەت بولدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 2017 – يىلى، 6 – دېكابىر كۈنى، قۇددۇسنى «ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى» سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلغان، دۆلىتىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسى، 2018 – يىلى، 14 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق ئېچىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر