بەزى دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى ئەردوغانغا ساداقەت مەكتۇپلىرىنى سۇندى

رۇئاندا، گامبىيە ۋە نىگېرىيە باش ئەلچىلىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ساداقەت مەكتۇپلىرىنى سۇندى...

1663537
بەزى دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى ئەردوغانغا ساداقەت مەكتۇپلىرىنى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇئاندانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فىدېلىس نتامپاكا مىرونكو، گامبىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سېرىڭ مودۇ نجىئې ۋە نىگېرىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىسمائىل يۇسۇف ئاببانى قوبۇل قىلدى.

پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە، باش ئەلچىلەر جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ساداقەت مەكتۇپلىرىنى تاپشۇردى.

باش ئەلچىلەر ھەمراھلىقىدا كەلگەن رەپىقىلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە بىر قىسىم ئەلچىخانا خادىملىرىنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تونۇشتۇرغاندىن كېيىن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.


خەتكۈچ: #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر