ئەردوغان ئەزەربەيجان پارلامېنتىغا خىتاب قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پارلامېنتىغا خىتاب قىلىپ «بارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن بۈگۈنكىگە ئوخشاشلا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالىمىز» دېدى.

1659315
ئەردوغان ئەزەربەيجان پارلامېنتىغا خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەزەربەيجان پارلامېنتىغا قىلغان خىتابىدا، تۈركىيەنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن بۈگۈنكىگە ئوخشاشلا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كاۋكاز رايونىدىكى تىنچلىق ۋە ھۇزۇردىن پەقەت ئەزەربەيجانلا ئەمەس، ئەرمېنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق رايون دۆلەتلىرى، پۈتكۈل دۇنيا بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق مەنزىلگاھىغا ئېلىپ بارىدىغان يولنىڭ، رايوندىكى بارلىق خەلقلەر، دۆلەتلەر ئۆزئارا ئىشەنچ ئاساسىدا ئىشقا ئاشۇرىدىغان ھەمكارلىقتىن ئۆتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بۈگۈن بىز بارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدىمىز، پۈتكۈل دۇنيا شۇنى بىلسۇنكى، بىز ئەتىمۇ، ئۆگۈنمۇ، جۈملىدىن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا بولىمىز. تۈركىيە خەلقىگە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بوھتانلارنى چاپلىغانلار ئالدى بىلەن كاۋكاز رايونىغا، ئەزەربەيجانغا نەزەر تاشلىشى كېرەك. ئاندىن ۋىجدانلىرى يوقاپ كەتمىگەن بولسا، ئۇلار ئويدۇرۇپ چىقارغان بۆھتانلىرى ھەققىدە ئۇلار بىلەن ئايرىم مۇزاكىرە ئېلىپ بارارمىز. مەدەنىيەت بىلەن بۇزغۇنچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى  پەرقنى كۆرۈشنى خالايدىغانلار، كەلسۇن، قاراباغدىكى ئىككى دەۋر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقكە نەزەر تاشلىسۇن.»

بۇ يىل (2021) ئەزەربەيجاننىڭ مەدەنىيەت پايتەختى بولغان شۇشانى كېلەر يىلىمۇ «تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت پايتەختى» سۈپىتىدە كۆرۈشنى چىن دىلىدىن ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «قاراباغ زەپىرىدىن ھېچكىم بىئاراملىق ھېس قىلمسۇن، چۈنكى بۇ زەپەر، ۋەيرانچىلىقنىڭ ئەمەس، ئاۋاتچىلىقنىڭ، زۇلۇمنىڭ ئەمەس، ئادالەتنىڭ زەپىرىدۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، قاراباغ دۇنيانى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئارزۇ - ئارمانلىرىنىڭ مەيدانى دەپ قارايدىغانلارنىڭ پىلانلىرى بۇزۇلغان جايدۇر. كاۋكاز رايونىنىڭ بوينىغا ئاسارەت كېشەنلىرىنى سالالماسلىقى ئۈچۈن، ئالدىمىزغا چىققان پۇرسەتلەردىن ھەممىمىز بىرلىكتە، ئەڭ ياخشى شەكىلدە پايدىلىنىشىمىز لازىم. نەخچىۋان بىلەن باكۇنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان <زېنگېزۇر كارىدورى> نىڭ رايونىمىزغا ئېلىپ كېلىدىغان ھۇزۇر – ھالاۋەت ھەم بايلىقنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدۇ.  <زېنگېزۇر كارىدورى> دىكى تۆمۈر يولى ئارقىلىق ئەرمەنلەرمۇ قولاي ھالدا موسكۋاغا ۋە دۇنياغا بارالايدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۆز – ئۆزىگە سېلىۋاتقان قامال ئىسكەنجىسىدىنمۇ خالاس تاپالايدۇ. ئاخىرىدا شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى، ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان بىلەن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانسېرى، تۈركىيە دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزمۇ تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايمىز.»

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پارلامېنتىدىكى نۇتۇقىدىن كېيىن، باكۇدىكى تۈركىيە-ئەزەربەيجان شېھىتزارلىقىنى زىيارەت قىلىپ، قەلەمپۇر قويدى ۋە شېھىتلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلدى.

ئۇ ئارقىدىن باكۇدا چۈشكەن مېھمانسارايدا ئەزەربەيجان ۋەزىپە گۇرۇپپىسىدىكى ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر