جېك سۇللىۋان ئەردوغان بىلەن بايدىننىڭ ئۇچرىشىشى ئۈستىدە توختالدى

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان جۇمھۇر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئۇچرىشىشىدا شەرقىي ئاق دېڭىز، سۈرىيە، ئىران، قاراباغ ۋە ئافغانىستان مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1653768
جېك سۇللىۋان ئەردوغان بىلەن بايدىننىڭ ئۇچرىشىشى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېك سۇللىۋان ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىپ، بايدىننىڭ 10-ئىيۇندا باشلىنىدىغان ياۋروپا زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى چۈشەندۈردى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

جېك سۇللىۋان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بايدىننىڭ 14-ئىيۇن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە پالانلانغان ئۇچرىشىشى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئىككى رەھبەرنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىز، سۈرىيە، ئىران، تاغلىق قاراباغ قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە كەڭ ۋە ئەتراپلىق مۇزاكىرە تېمىلىرى بولىدۇ» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى مۇزاكىرىلەر ۋە دىپلوماتىيىدىكى رولىنىڭمۇ ئۇچرىشىش كۈن تەرتىپىدە بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان جېك سۇللىۋان، ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەتنىڭ ئوخشاشمايدىغان تېمىلىرىنىڭمۇ كۈن تەرتىپتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جېك سۇللىۋان: «پرېزىدېنت بايدىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ئوبدان بىلىدۇ ۋە بۇ ئىككەيلەن بىر-بىرى بىلەن نۇرغۇن ۋاقىتنى بىرگە ئۆتكۈزگەن. بايدىن بىلەن ئەردوغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىشنى تۆرت كۆز بىلەن كۈتۈشمەكتە » دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر