تۈركىيە پاكىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە پاكىستاننىڭ سىند ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ۋە 30 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان پويىز ۋەقەسىگە تەزىيە بىلدۈردى.

1653158
تۈركىيە پاكىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «پاكىستاندا سىند ئۆلكىسىنىڭ گوتكى رايونىدا يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسىدە 30 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە  خەۋەر تاپتۇق» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، «مەزكۇر پاجىئەلىك ھادىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت، يارىلانغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تېلەش بىلەن بىرگە دوست پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش پاكىستان خەلقىدىن ھال سورايمىز» دېيىلدى.

پاكىستاندا بىر يولۇچىلار پويىزىنىڭ ۋاگونى ئاجراپ چىقىپ، قارشى تەرەپتىن كەلگەن باشقا بىر يولۇچىلار پويىزىغا سوقۇلۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن 38 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 64 كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر