ماي ئېيىدا ئونلارچە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ماي ئېيىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 10 نەپىرى ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىكلىرى بولۇپ جەمئىي 81 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1652139
ماي ئېيىدا ئونلارچە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىسمائىل چاتاكلى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ماي ئېيىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلىرىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىچكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە ماي ئېيى ئىچىدە تاغلىق رايونلاردا 11036 قېتىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭدىن باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلەردىكى شايكىلىرىغا قارشى 1051 ئايرىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بۇ ئارقىلىق 10 نەپىرى ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىكلىرى بولۇپ جەمئىي 81 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. بۇلارنىڭ 64 نەپىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك ، 17 نەپىرىنىڭ دائېش ئەزاسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

15 تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، تېررورچىلارنىڭ قان تۆكۈشىگە يول قويۇلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر