«‹زەيتۇن شېخى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
سۈرىيەدە «‹زەيتۇن شېخى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى تېررورچىلارنىڭ راكېتامىيوتلۇق ھۇجۇمى ئەسناسىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
1651573
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «‹زەيتۇن شېخى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا، تۈنۈگۈن تېررورچىلارنىڭ راكېتامىيوتلۇق ھۇجۇمى ئەسناسىدا بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى، بىر ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىزنى قاتتىق دەرد – ئەلەمگە تاشلىغان بۇ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىدىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە ئەزىز خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەم سەۋر - تاقەت تىلەيمىز، يارىدار خادىمىمىزغا شىپالىق تىلەيمىز.»