تۈركىيە – ئەزەربەيجان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي سۆھبەت يىغىنى باكۇدا چاقىرىلىدۇ
تۈركىيە – ئەزەربەيجان 13 - نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي سۆھبەت يىغىنى 3 – ئىيۇندا ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
1648888
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، يىغىندا ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك، ھەربىي، ھەربىي - تېخنىكا، ھەربىي تېبابەت، ھەربىي تەلىم - تەربىيە، ھەربىي سانائەت ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.