مۇستافا شەنتوپ ۋە ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتى ئەتە پاكىستانغا بارىدۇ

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتى 31-مايدىن 2-ئىيۇنغىچە پاكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ.

1648304
مۇستافا شەنتوپ ۋە ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتى ئەتە پاكىستانغا بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا شەنتوپ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (EITPA) پارلامېنت ئەزالىرى كېڭىشىنىڭ «رايوننىڭ ماسلىشىشى ئۈچۈن پارلامېنت ئەزالىرى ھەمكارلىقىنى قوللاش» تېمىلىق 2- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەتە ئىسلامئابادقا يېتىپ بارىدۇ.

مۇستاپا شەنتوپ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىغا قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

مۇستاپا شەنتوپ پاكىستان پارلامېنتى باشلىقى ئاسەد قەيسەر، پاكىستان پالاتاسى باشلىقى مۇھەممەد سادىق سانجرانى ۋە ئافغانىستان پارلامېنتى باشلىقى مىر رەھمان راھمانى بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ.

مۇستاپا شەنتوپ زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى ساھىبە غافاروۋا بىلەن كۆرۈشىدۇ.

پاكىستان دۆلەت پارلامېنتى مۇئاۋىن رەئىسى سۇرى تەرىپىدىن مېھمان ھەيئەتلەرنىڭ شەرىپىگە بېرىلىدىغان چۈشلۈك زىياپەتتىن كېيىن، مۇستاپا شەنتوپ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (EITPA)  نىڭ 2- نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

مۇستاپا شەنتوپ كېيىن پاكىستان پىرېزىدېنتى ئارىف ئالۋى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر