ئەردوغان ھافىزلىق ئوقۇغۇچىلىرى مۇراسىمىغا قاتناشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى ئاياسوفيا جامەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مارمارا ئانادولۇ ئىمام – خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ھافىزلىرى (قارىيلىرى) مۇراسىمىغا قاتناشتى.

1647940
ئەردوغان ھافىزلىق ئوقۇغۇچىلىرى مۇراسىمىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇراسىمدا ھافىزلىقلىرىنى تاماملىغان (قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلاپ بولغان) 136 ئوقۇغۇچى دىپلوم ئالدى.

ھافىز ئوقۇغۇچىلار قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلغان مۇراسىمدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلدى.

دىپلوم تارقىتىش مۇراسىمىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ نەۋرىسى ئۆمەر تاييىپ بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپنىڭ ئوغلى ئۆمەر ئاسىممۇ دىپلوم ئالدى.

ھافىزلارغا تۈرلۈك ھەدىيەلەر بېرىلگەن مۇراسىمنىڭ ئاخىرىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھافىزلار بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

مۇراسىمغا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇھەممەد ھەمدان داگالو ھمىدتى، دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئەلى ئەرباش، ھافىز ئوقۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ۋە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر