قالىن بىلەن ئەرسوي گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن بىلەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.

1646709
قالىن بىلەن ئەرسوي گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن بىلەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي، گېرمانىيەدىكى ساياھەت ۋە سەھىيە ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، گېرمانىيە ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى پېتېر ئالتمائېر بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇچرىشىشقا، گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ساياھەت ئىشلىرى كومىسسارى توماس بارېسمۇ قاتناشتى.

باياناتچى قالىن بىلەن مىنىستىر ئەرسوي، ئالدىنقى كۈنلەردىمۇ رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۇچرىشىشلاردا بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر