ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھاۋاغا كۆتۈرۈلىدىغان ۋاقتىنى ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانىمىزنى — ئىنشائاللاھ — 2023 – يىلى ئاسمانلىرىمىزدا ئۇچۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى.

1646030
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھاۋاغا كۆتۈرۈلىدىغان ۋاقتىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «نۆۋەتتە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە تۆت پەرقلىق دۆلەتتە 180 دانە بايراقتار ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىمىز پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا» دېدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ پولشاغا ئېكسپورت قىلىدىغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىلىرى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ: «بۇ كېلىشىم، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى بىر دۆلەتكە تۇنجى قېتىملىق ئەڭ ئىلغار تېخنولوگىيەگە ئىگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سېتىشى بولۇش نۇقتىسىدىن ئالاھىدە مۇھىم ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر