ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ تەل رىفئەت شەھىرىدىن زەيتۇن شېخى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1642614
ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «قانداق بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر، تېررورىزمغا ئورۇن يوقتۇر. قەھرىمان ئالاھىدە قىسىملىرىمىز، تەل رىفئەت شەھىرىدىن زەيتۇن شېخى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى. تېررورچىلارنىڭ مىنامىيوتلىرى، مىنامىيوت بازىلىرى ۋە ئۇۋىلىرىمۇ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.»

يەنە بىر تەرەپتىن،  بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان يەنە 3 تېررورچى قايىل قىلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق تەسلىم بولدى.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىرلىق قارمىقىدا قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق باش ئىشتابى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان يەنە 3 تېررورچى، بۈگۈن تۈركىيەگە كىرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان.

2005 – 2015 – يىللىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى، سۈرىيە ۋە ئىراقتا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۇ 3 تېررورچى بىلەن بىرلىكتە، بۇ يىل قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 71 گە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر