چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىدۇ
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 10-11-ماي كۈنلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىدۇ.
1637356
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا: «مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندا مەنسەپدېشى شاھزادە فايسال بىن فارھان بىن ئابدۇللاھ ئەل سۇئۇد بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ» دېيىلدى.