شىمالىي ئىراقتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراقتا داۋاملىشىۋاتقان «پەنچە – چاقماق» زەربە بېرىش ھەرىكىتى رايونىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
1630387
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ شىمالىي ئىراقتا داۋاملىشىۋاتقان «پەنچە – چاقماق» زەربە بېرىش ھەرىكىتى تەۋەلىكىدىكى بىر ھەربىي بازىغا قىلغان ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، ئىككى ئەسكەر يارىلاندى.