ئەردوغان چاۋۇشئوغلۇغا رەھمەت ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا رەھمەت ئېيتتى.

1625701
ئەردوغان چاۋۇشئوغلۇغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىئاس بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى جاۋابلىرى سەۋەبلىك رەھمەت ئېيتتى.

ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، ئۆتكەن ھەپتە پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولغان گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مەنسەپدىشى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى توغرىسىدا توختىلىپ: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىزغا، گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشتا بەرگەن جاۋابلىرى ئۈچۈنمۇ رەھمەت ئېيتىمەن. قەتئىي بويۇن ئەگمەستىن تىك تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىزنىڭ مىللىتىمىز بوينىدا بۇنداق بىر ئاسارەت زەنجىرى بىلەن ياشايدىغان مىللەت ئەمەس» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ نىكوس دېندىئاس بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىز بۇ تۇنجى ئۇچرىشىشنىڭ تېخىمۇ ئىجابىي كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق، بىراق نىكوس دىندىئاس سۆزىدە — ئەپسۇسكى — دۆلىتىمگە قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغان تۆھمەتلەرنى قىلدى. ئالدى بىلەن تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنى قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۆز قارارلىرىنى ئۆزى چىقىرىدۇ، شۇنداقلا شەرقىي ئاقدېڭىزدا ۋە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەقلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىردۇر ۋە تاشلىغان قەدەملىرىمىزمۇ ھەق – ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداشنى نىشان قىلىدۇ... بۇ يەرگە كېلىپ، تۈركىيەنى ئەيىبلىسىڭىز، مەنمۇ بۇلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەدە بىز، رىم ئورتودوكس ئاز سانلىقلىرىنى رىم ئورتودوكس دەپ قوبۇل قىلىمىز، ئەمما سىلەر <مەن تۈرك> دېگەن تۈركلەرگە <ياق، سەن تۈرك ئەمەس، پەقەت مۇسۇلمانسەن> دېسەڭلار، بۇ نە ئىنسانىي ئەمەس، نە خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر