چاناققەلئەدە نۇرغۇن چەت ئەللىك كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى
چاناققەلئە دېڭىز تەۋەلىكىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن 18 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1625253
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى، ئايۋاجىك ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بىر كېمىدە بىر تۈركۈم چەت ئەللىكلەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئېلىپ، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى.