ئوقتاي: ش ق ت ج ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ قۇرئان كۇرسلىرى قارارى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرئان كۇرسلىرى توغرىسىدىكى قارارى ھەققىدە توختالدى.

1622987
ئوقتاي: ش ق ت ج ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ قۇرئان كۇرسلىرى قارارى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرئان كۇرسلىرى توغرىسىدىكى قارارى ھەققىدە توختىلىپ: «قارارنىڭ يەنە كېلىپ رامىزان ئېيىدا چىقىرىلىشى ۋىجدانىمىزنى تېخىمۇ ئېغىر زېدىلىدى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار ۋە باش مىنىستىرى ئەرسان سانەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ قۇرئان كۇرسلىرىنى تاقىۋېتىش توغرىسىدىكى قارارى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن چىقىرىشقا بولىدىغان بەلگىلىمىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى زىيارىتى جەريانىدىمۇ بۇ مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«دۆلەت تېگىشىلىك نازارەت ۋە كونترول قىلىش مۇھىتى يارىتىپ، بارلىق كىشىلەرنىڭ دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېگەن ئوقتاي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىكىگە ئوخشاش، دىنىي ئىشلار باشقارمىسى دۆلەتنىڭ نازارىتى ۋە كونتروللۇقىدا دىنىي تەلىم – تەربىيەنى قانداق بەرگەن بولسا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىمۇ دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ بۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىنمۇ تەبىئىي بىر ئىش بولمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئوقتاي، تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنى كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر