تۈركىيە دۇنيانىڭ تۇنجى كۆچمە «بىنا ئانالىز قىلىش» تەجرىبىخانىسىنى لايىھەلىدى

تۈركىيە مۇھىت ۋە شەھەر پىلانلاش مىنىستىرلىقى، دۇنيادىكى تۇنجى كۆچمە بىنا ئانالىز قىلىش ۋە سىناش تەجرىبىخانىسى— مولاب (MOLAB) نى لايىھەلەپ چىقتى.

1623170
تۈركىيە دۇنيانىڭ تۇنجى كۆچمە «بىنا ئانالىز قىلىش» تەجرىبىخانىسىنى لايىھەلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيانىڭ تۇنجى كۆچمە تەجرىبىخانىسى «مولاب» ئاپەت رايونىدىكى خەتەرلىك ئىمارەتلەرنى بايقاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خادىملار تەرىپىدىن ئاپەت رايونىدىكى خەتەرلىك بىنالاردىن ئېلىنغان ئەۋرىشكەلەر كۆچمە تەجرىبىخانىدا ئانالىز قىلىنىدۇ. تەكشۈرۈشتىن كېيىن، بىنانىڭ خەتەرلىك ياكى ئەمەسلىكى ۋە چېقىلىپ - چېقىلمايدىغانلىقىغا قارار قىلىنىدۇ.

مەزكۇر كۆچمە تەجرىبىخانا ئىمارەتلەرنىڭ كونكرېت كۈچىنى، سىغىمچانلىقىنى بەلگىلەش، تۇپراق شارائىتى ۋە سىيرىلىپ چۈشۈش ئېھتىماللىقى دېگەندەك مەسىلىلەرنى بايقاش ئىقتىدارىغا ئىگە.

ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى سائەتتىن تۆت سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا بارلىق تەكشۈرۈشلەرنى تاماملاپ، قارار چىقىرىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تەجرىبىخانىلار، داۋاملىق شەكىلدە بىنالارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدۇ. بىنالاردىكى ئازراقلا ھەرىكەتلىنىش بولغاندا، دەرھال مۇناسىۋەتلىك كىشىگە ئۇچۇر يوللايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر