ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1622794
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچىنىڭ تۇرۇۋاتقان جايى ئېنىقلاپ چىقىلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمى داۋامىدا، مەزكۇر تېررورچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېررورىزمغا قارشى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ، تاكى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى يەتتە تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.