تىزىملىكتىكى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى، شېھىتلەرنىڭ قېنى يەردە قالمىدى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ دىيارباكىردا 5 پۇقرا ۋە 1 ژاندارما خادىمىنى شېھىت قىلغان ھەمدە بىرسى ئۈچۈن ئاپېلسىن رەڭلىك تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېرورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1621921
تىزىملىكتىكى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى، شېھىتلەرنىڭ قېنى يەردە قالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇلايمان سويلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىسىدا، «شەھىدلىرىمىز خاتىرجەم بولسۇن ... بىر-بىرلەپ ھېساب سورىلىدۇ، ئالدىنقى يىلى دىيارباكىردا دەرەخ كېسىشكە كېتىۋاتقاندا  پ ك ك تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن 5 پۇقرامىز ۋە 1 نەپەر قەھرىمان ژاندارما خادىمىمىز مەھمەت چەلىكنى شېھىت قىلغان ھەمدە بىرسى ئۈچۈن ئاپېلسىن رەڭلىك تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېرورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. قەھرىمانلىرىمىزنىڭ بېلەكلىرىگە كۈچ - قۇۋۋەت تېلەيمەن» دېدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا، «ئەرەن -2 شەھىد ژاندارما خادىمى سېرژانت مەھمەت چەلىك ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىگە قاراشلىق ئارىكلى مەھەللىسىدە دىيارباكىر ژاندارما رايونلۇق قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ژاندارما ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترەتلىرى تەرىپىدىن تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.   

ھەرىكەتتە، 2020-يىلى 8- ئاپرىلدا كۇلپ ناھىيەسى گۈلەچ مەھەللىسىدە 5 نەپەر ئورمان ئىشچىسىنى ئۆلتۈرگەن شۇنداقلا  2021-يىلى 9- يانۋاردا يەنە شۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان يىلدىرىم -7 ھەرىكىتىدە ژاندارما سېرژانتى مەھمەت چەلىكنى شەھىد قىلغان 2 تېرورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلاردىن بىرسىنىڭ  ئاپېلسىن رەڭلىك تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان  مەخپىي ئىسمىي «دارا زاگروس» بولغان ئابدۇلسىتتار ئۆزەر  ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

باياناتتا، رايوندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر