فىرات قالقىنى رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەدە «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1618145
فىرات قالقىنى رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تەل رىفئەت رايونىدىن تۈركىيە قىسىملىرىغا تاجاۋۇز قىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 4 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، يېقىندىن بۇيان ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە يىمىرىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇپلىرىنىڭ قايىل قىلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق تەسلىم بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر داۋاملاشماقتا.

بۇ دائىرىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان 1 ى ئايال بولۇپ، جەمئىي 3 تېررورچى، ماردىن ۋىلايىتىنىڭ چېگراسىدا قوراللىق ساقچى قىسىملارغا تەسلىم بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر