ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ ساياھەت يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى
جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ساياھەت يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
1616790
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ ۋىلايەتلىك شۆبە باشلىقلىرى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بۇ دەۋر بىزنى 21 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش نىشانغا يەتكۈزىدىغان دەۋر بولىدۇ» دېدى.