تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ماي قاچىلىدى
تۈركىيە ئارمىيەسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دېڭىز ئارمىيەسىگە ئائىت 4 دانە «F-18» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىغا ماي قاچىلاپ بەردى.
1605112
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «Joint Protected Entry Exercise ھەربىي مانېۋىرى دائىرىسىدە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە 4 دانە <F-18 > تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىغا، ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىمىز تەرىپىدىن، خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا ماي قاچىلىنىپ بېرىلىپ، بىرلەشمە مەشىق ئېلىپ بېرىلدى.»
باياناتتا، ماي قاچىلانغان كۆرۈنۈشلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.