ئاقاردىن ئامېرىكا ۋە گىرېتسىيەگە ئوچۇق سىگنال

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بارلىق دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن، ئىنسانىي قىممەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بارلىق كۈچلەردىن تېررورىزمغا قارشى كۈچلۈك پوزىتسىيە تۇتۇشى ۋە ئورتاق ئىرادە ئىپادىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1604349
ئاقاردىن ئامېرىكا ۋە گىرېتسىيەگە ئوچۇق سىگنال

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، «18 – مارت شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى» ۋە «چاناققەلئە زەپىرى» نىڭ 106 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مىنىستىرلىق بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، بارلىق دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن، ئىنسانىي قىممەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بارلىق كۈچلەردىن، تېررورىزمغا قارشى كۈچلۈك پوزىتسىيە تۇتۇشى ۋە ئورتاق ئىرادە ئىپادىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نى قوللىشىنى توغرا، دەپ قارىمايمىز، چۈنكى، پ ك ك دېگەنلىك، ي پ گ دېگەنلىكتۇر، دەرۋەقە، بۇلارنىڭ بىر - بىرىدىن ھېچقانداق پەرقى يوقتۇر.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقلىرىغا ئاساسەن، سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا ھەم شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئەزىز تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە تۈپ مەنپەئەتلىرىنى جان تىكىپ قوغداۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئاقار، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەزەربەيجان ۋە لىۋىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆڭۈل جۇغراپىيەمىزدىكى دوست، ئىتتىپاقداش، قېرىنداش، مەزلۇم ۋە ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە، دەپسەندە قىلىنىۋاتقان پۈتكۈل ئىنسانىي قىممەتلەرنى قوغداش يولىدىمۇ كۈرەش قىلىۋاتىمىز.»

مىنىستىر ئاقار، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە قىبرىستىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭمۇ دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىگە چىن دىلىدىن ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ««گىرېتسىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرلىرى، كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ، غەيرىي ھەربىي سالاھىيەتكە ئىگە ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشى، بۇ ئاراللارنى چەت ئەل ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا ئېچىشى، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھالدا چوڭ قۇرۇقلۇق دەۋاسى قىلىشى، ئەگە دېڭىزى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزا ئەقىلگە سىغمايدىغان تەلەپلىرى، تەبىئىي رەۋىشتە جىددىيلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتمەكتە، بۇنداق ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى ۋە تەھدىتلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا  بۇنداق ئۇسۇللارنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. شۇڭا، بۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھېچقانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنىمۇ ھەممە بىلىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر