ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئورنىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئورنىنىڭ سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى باشلانغاندىن تارتىپ ھېچ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

1601458
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئورنىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغىنىغا 10 يىل بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بلۇمبېرگدا ماقالە ئېلان قىلدى.

ئۇ ماقالىسىدە، تۈركىيە خەلقىنىڭ، بارلىق سۈرىيەلىكلەرگە ۋكىللىك قىلىدىغان سىياسىي سىستېما قۇرۇلۇشىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قايتا ئورنىتىش ئۈچۈن شەرت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۈرىيەدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ قايتا ئورنىتىلىشىنىڭ، غەربنىڭ تۈركىيەنى سەمىمىيلىك بىلەن قوللىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق قايتا مودا بولغان بۈگۈنكى كۈنلەردە، ئىنسانىيەتنىڭ سۈرىيەدە قىلغانلىرى، سەمىمىيلىكىمىزنىڭ ئاخىرقى ئۆلچىمى بولۇپ قالىدۇ. ئىپتىخارلانغان ھالدا شۇنى دەيمەنكى، تۈركىيەنىڭ ئورنى، سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى باشلانغاندىن تارتىپ ھېچ ئۆزگەرمىدى. تىنچلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي بىرلىكىگە ھۆرمەت قىلىنمىغان ئەھۋالدا ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيمىز» دېدى.

ئۇ يەرلىك كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە شەكىللەندۈرۈلگەن بىخەتەر رايونلارنىڭ، سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىگە بولغان سادىقلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ غەربنىڭ ئالدى بىلەن بىخەتەر رايونلارغا ھۇجۇم قىلغان ۋە قولى قانغا بويالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ غا قارشى ئېنىق مەيدانىنى نامايان قىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلىپ: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتى بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇپ، سۈرىيەدىكى تىراگېدىيەنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە دېموكراتىيەنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن بىز بىرلىكتە خىزمەت قىلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ غەرب دۆلەتلىرىنى ئىنسانىي كىرىزىسنى ئاخىرلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا زېممىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىپ، تۈركىيەنىڭ يۈكىنى بۆلۈشمەسلىكنىڭ، ياۋروپاغا يېڭى كۆچ دولقۇنلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر