ئاقار «خوجالى قىرغىنچىلىقى» فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئاچتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار «خوجالى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 29 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىپ، قەتلىئام قۇربانلىرىنى خاتىرىلىدى.

1599249
ئاقار «خوجالى قىرغىنچىلىقى» فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئۈمىت دۈندار، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى  ئادمىرال ئادنان ئۆزبال ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال ھەسەن كۇچۇكئاقيۇز قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، «خوجالى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 29 – يىللىقى، ھەمدە 1992 – يىلقى قەتلىئامدا ئەرمەنلەر تەرىپىدىن قەتل قىلغان 613 ئەزەربەيجان پۇقراسىنى  خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن تەييارلانغان فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئاچتى.

ئەزەربەيجاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىنى  ئېكسكۇرسىيە قىلغان ئاقار ۋە قوماندانلار، فوتو سۈرەتلەر ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدى.

مىنىستىر ئاقار، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 29 يىل ئىلگىرى خوجالىدا ۋەھشىلەرچە قەتل قىلغان ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ياد ئېتىمەن، بىز ئەزەربەيجان تۈركلىرى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرد - ئەلەملىرىنى قەلبىمىزدە داۋاملىق ھېس قىلىمىز. بىز بۇ قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنتۇپ قالمايمىز، جۈملىدىن بىز ئۆتمۈشنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمايمىز، ئەمما بىز كەلگۈسىگە نەزەر سالىمىز، خوجالىدا شېھىت قىلىنغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمت تىلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر