چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا سۈرىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى رىياد ھىجاب بىلەن كۆرۈشتى.

1599266
چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە – رۇسىيە – قاتار 3 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈچۈن قاتاردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى رىياد ھىجاب بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر