ئەردوغان: «ئىستىقلال مارشى» 84 مىليون خەلقنىڭ بىر گەۋدىلىشىش نۇقتىسى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئىستىقلال مارشى» نىڭ 80 مىليون خەلقنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن بىر گەۋدىلىشىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1598687
ئەردوغان: «ئىستىقلال مارشى» 84 مىليون خەلقنىڭ بىر گەۋدىلىشىش نۇقتىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «100 – نۆۋەتلىك <ئىستىقلال مارشى> كۆرگەزمىسى» گە قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «12 – مارت كۈنى قوبۇل قىلىنغان ۋە يېزىلغىنىغا 100 يىل بولغان <ئىستىقلال مارشى>، بىزنىڭ كىملىكىمىزنىڭ ، ئىستىقلال ۋە ئىستىقبال چۈشەنچىمىزنىڭ سىمۋولىدۇر. <ئىستىقلال مارشى> مىزنى پەقەت مۇستەقىللىقىمىزنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدىلا ئەمەس، پۈتكۈل 84 مىليون خەلقىمىزنىڭ بىر گەۋدىلىشنىش نۇقتىسى، دەپ قارايمىز، بۇ دۆلەتتە بىزنىڭ سىياسىي ئىدىيەلىرىمىز، كۆز قاراشلىرىمىز، مەزھەپلىرىمىز ۋە غايىلىرىمىز ئوخشاش بالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما 84 مىليون خەلقنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن <ئىستىقلال مارشى> بىر گەۋدىلىشىش نۇقتىسىدۇر.»

بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە تېڭىلغان «سەۋر شەرتنامىسى» نى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىز بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرى <سەۋر شەرنامىسى> نى قانداق ئارقىمىزغا چۆرۈۋەتكەن بولساق، بۈگۈنكى كۈندىمۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دائېش، پ ك ك قاتارلىق شايكىلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق دكلىتىمىزگە تېڭىلماقچى بولغان قانداقتۇر <سەۋر شەرتنامىلىرى> نىمۇ شۇنداق يىرتىپ تاشلاۋاتىمىز.»

تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى جان تىكىپ قوغداشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر،  تۈركىيە بايرىقىغا ساھىب چىقىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر