«پەنجە بۈركۈت – 2 ھەربىي ھەرىكىتى» مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشماقتا

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە بۈركۈت – 2 ھەربىي ھەرىكىتى» داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى.

1582780
«پەنجە بۈركۈت – 2 ھەربىي ھەرىكىتى» مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقان  «پەنجە بۈركۈت – 2 ھەربىي ھەرىكىتى» داۋامىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن، گارا رايونىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانىنىڭ 42 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى، بايانات ئېلان قىلىپ، قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك دىن قاچقان بىر تېررورچىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقىنى، بۇ تېررورچىنىڭ 2014 – يىلى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى ۋە سۈرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، 2021 - يىلى تەسلىم بولغان تېررورچىلار سانىنىڭ 23 كە يەتكەنكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر