ئەردوغان: ئالىي مائارىپ سىستېمىمىز ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىلىرىغا سالغان مەبلەغلەر سايىسىدا تۈركىيەنىڭ ئالىي مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

1582482
ئەردوغان: ئالىي مائارىپ سىستېمىمىز ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، رىزەدىكى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنژېنېرلىق ۋە بىناكارلىق فاكۇلتېتىنىڭ قوشۇمچە بىناسى بىلەن چايئەلى پېداگوكىكا فاكۇلتېتى قوشۇمچە بىناسىنىڭ ئېچىلىش پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىلىرىغا سالغان مەبلەغلەر سايىسىدا تۈركىيەنىڭ ئالىي مائارىپ سىستېمىسى ئىلغار سەۋىيىگە يەتتى، ئوقۇتقىچىلارنىڭ سانى 70 مىڭدىن 180 مىڭغا كۆپەيدى، نۆۋەتتە ئوقۇغۇچىلىرىمىز ياۋروپادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار سانى جەھەتتىن بىرىنچى رەتكە تىزىلدى. خۇدايىم بۇيرۇسا، تۈركىيە 2023 – يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانىغىمۇ يېتىدۇ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك 10 دۆلەت قاتارىدىنمۇ ئورۇن ئالىدۇ، ئىشىنىش، ھەرىكەتكە ئۆتۈش، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يېرىمىدۇر، بىز دۆلىتىمىزنى 18 يىل ئىچىدە جۇمھۇرىيەت تارىخىدا قولغا كەلتۈرۈلگىنىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردۇق، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە، ئائىلىدىن مائارىپقىچە، مەدەنىيەتتىن سەنئەتكىچە، بارلىق ساھەلەردە خىزمەت ئىشلەشنى ئەڭ مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر